جوۋ رۇنفا بىلەن ليۇ دېخۇانىڭ تۇنجى بولۇپ يۈرەك تارىنى چەككەن ئايال چولپان

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 20:40ئاۋاتلىقى : 1642 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن ھەقىچان كۆپ ئادەمنىڭ يادىغا چېن يۈليەن كەلدى، لېكىن ئۇ ئەمەس، نۇرغۇن ئەر چولپانلارنىڭ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغان بۇ ئارتىس بولسا ميۇ چيەنرېن. ئۇنىڭ بەش ئەزاسى نەپىس، يۈز شەكلى چىرايلىق بولۇپ، شياڭگاڭ خانقىزلىرى ئىچىدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە.

    ميۇ چيەنرېن ئىلگىرى شياڭگاڭ خانقىزى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ «ئېكرانغا ئەڭ گۈزەل چىققان خانقىز» شەرىپىگە ئېرىشكەن، كېيىن ئۇ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن توختام تۈزۈپ تېزلا داڭق چىقارغان، يەنە كۆپلىگەن نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلىگەن.، شۇنداقلا جۋ رۇنفا بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن.

    جوۋ رۇنفانىڭ ئايالى چېن خۇيليەن، لېكىن ميۇ چيەنرېن جوۋ رۇنفانىڭ تۇنجى مۇھەببىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىككەيلەن «ئەسەبىي ئېقىم» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىگەندە تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، جوۋ رۇنفا ئىلگىرى ميۇ چيەنرېنغا مۇھەببىتىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن. كىم بىلسۇن شيې شيەنمۇ ميۇ چيەنرېننى قىززىق قوغلاشقان، شيې شيەننىڭ قىز كەلتۈرۈش ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا جوۋ رۇنفانى تاشلىۋېتىپلا شيې شيەن بىلەن يۈرگەن.

    كۆپ ئادەم ليۇ دېخۇانىڭ چېن يۈليەنگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەنلىكىنى بىلىدۇ، لېكىن ميۇ چيەنرېن ليۇ دېخۇا تاماشا چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ يۈرەك تارىنى چەككەن ئايال. ئىككەيلەن «كېمىچى» (投奔怒海) فىلىمىدە ھەمكارىلاشقان، ليۇ دېخۇا ئىككەيلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغان رولغا چىققاندا جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەن ئالىدۇ، كېيىن ميۇ چيەنرېن توي قىلىدۇ، ليۇ دېخۇا يەنىلا ئۇنىڭغا:«ئەگەر ئاجرىشىپ كەتسىڭىز، ماڭا دەپ قويۇڭ» دەيدۇ.

    كېيىن ئۇ داڭلىق رېژىسسور ۋاڭ يىڭغا ياتلىق بولىدۇ، ئىككەيلەن فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئاستا-ئاستا تاماشا چەمبىرىكىدىن چېكىنگەن. ھازىر مياۋ چيەنرېن 50دىن ئاشقان بولسىمۇ كۆزلىرىدىن باشقا ئايال چولپانلارغا ئوخشىمايدىغان پاكىز نۇر چاقناپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard