سۇن لى، جاۋ ۋېي، جاۋ لىيىڭ، ليۇ تاۋ، لىن شىنرۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 20:43ئاۋاتلىقى : 833 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

    سۇن لى، 1982-يىلى شاڭخەيدە تۇغۇلغان، ئايال ئارتىس، ناخشىچى. 2001-يىلى، سىنگاپورنىڭ «يېڭى مېدىيا سەككىزىنچى قانىلى» ئۆتكۈزگەن «تالانت پىروگىراممىسى»غا قاتنىشىپ ئىككىنچى دەرىجىگە ھەمدە ئەقىل-پاراسەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئارقىدىن خەيرۇي كىنوچىلىقى بىلەن توختام ئىمزالاپ، رەسىمىي ھالدا بۇ ساھەگە قەدەم قويغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: «قاشتاش زۇننار» (玉观音)، «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» (甄嬛传)، «مى يۆ ھەققىدە قىسسە» (芈月传)، «جەزبىدار ئاپا» (辣妈正传) قاتارلىقلار بار.

    جاۋ ۋېي، 1976-يىلى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ۋەنخۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئايال ئارتىس، ناخشىچى، رېژىسسور، فىلىم نازارەتچىسى. 1993-يىلى تۇنجى كىنو ئەسىرى «رەسىم روھى» (画魂) دا رول ئېلىپ، سەنئەت ھاياتىنى باشلىغان. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «مەلىكە خۇەنجۇ»، «جىڭخۇادىكى بوران-چاپقۇن» (京华烟云) قاتارلىقلار. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى جۇڭگودىكى بىرىنچى، ئاسىيادىكى بىرىنچى، قايتا قويۇلۇش نىسبىىتى ئەڭ يۇقىرى قاتارلىق رېكورتلارنى ياراتقان.

    جاۋ لىيىڭ، 1987-يىلى خېبيې ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىنو تېلېۋىزىيە ئايال ئارتىسى. 2006-يىلى، ياخۇ چولپان قېزىش مۇسابىقىسىدە فېڭ شياۋگاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇپ، تاماشا چەمبىرىكىگە قەدەم قويغان؛ شۇ يىلى فېڭ شياۋگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ئېلاندا ئايال باش پېرسوناژ بولغان. 2011-يىلى قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يېڭى مەلىكە خۇەنجۇ»دا مەلىكە چىڭئېرنىڭ رولىنى ئېلىپ تاماشىبنلارغا تونۇلغان. ھازىرقى ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئايال شاھىدۇر.

    ليۇ تاۋ، 1978-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىنو-تېلېۋىزىيە ئايال ئارتىسى، ناخشىچى. 2000-يىلى «ياقا يۇرتلۇق كېلىن بىلەن يەرلىك كۈيئوغۇل» (外来媳妇本地郎) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، 2003-يىلى قەدىمكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ 3» بىلەن كۆرۈرمەنلەرگە تونۇلغان. شۇ يىلى ئۇ يەنە «天龙八部» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن پۈتكۈل جەنۇب تەرەپ مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ سېھىرىي كۈچكە باي ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئارقىدىن باي سودىگەر ۋاڭ كېغا ياتلىق بولۇپ، ئائىلە ئايالى بولغان ئارقىدىن يولدىشىنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن قايتىدىن تاماشا ساھەسىگە قايتىپ كېلىپ، «شادلىق مىلودىيەسى» (欢乐颂)، «لاڭيا تىزىملىكى» (琅琊榜)، «مى يۆ ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان.

    جوۋ شۈن، 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 18- كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چۈجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئايال ئارتىس، ناخشىچى. 1991-يىلى «قەدىمكى قەبرە خارابىلىكى» (古墓荒斋) بىلەن تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغان. 1998-يىلى «سۇجۇ دەرياسى» (苏州河) بىلەن 15-نۆۋەتلىك پارىژ خەلقئارا كىنو بايرىمىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى «بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى» (大明宫词) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئايال ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    لىن شىنرۇ، 1976-يىلى تەيبېي شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئايال ئارتىس، ناخشىچى، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىم ئىشلىگۈچى. 1993-يىلى قوشۇمچە مودېللىق بىلەن بۇ ساھەگە قەدەم قويغان. 1994-يىلى گو فۇچېڭ بىلەن ئېلان ئىشلەپ رەسىمى يوسۇندا تاماشا چەمبىرىكىگە يۈرۈش قىلغان. 1998-يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» دا «شيا زىۋېي»نىڭ رولىنى ئېلىپ، بىراقلا نام چىقارغان.


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard