رونالدو: كۈنلەرنىڭ بىرىدە جۇڭگودىن مەندىنمۇ قالتىس توپچىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 20:45ئاۋاتلىقى : 3789 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    2018072010254294055.jpg

    ۋاڭيى تورى 20-ئىيۇل خەۋىرى:

    خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان كىرىستىيانو رونالدو 19-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىككى كۈنلۈك جۇڭگو سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ بۇ جەرياندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا بولغان تەقەززالىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگودا ماڭا ئوخشاش، ھەتتا مەندىنمۇ قالتىس توپچىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

    كىرىستىيانو رونالدو 19-ئىيۇل بېيجىڭدىكى مەلۇم باشلانغۇچتا ئۆسمۈر توپچىلار بىلەن بىرگە توپ ئوينىغان بولۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ھازىر ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇڭگودا توپ تەپكەن دوستلىرىم بار، ئۇلار ماڭا جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا ئائىت نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن. مەن جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.»

    2018072010254193804.jpg

    بىر كىچىك دوست كىرىستىيانو رونالدودىن «رونالدو ئاكا، سىز نېمىشقا ئىزچىل مۇشۇنداق قالتىس؟» دەپ سوئال سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تاتلىق ئاۋازى نەق مەيداندىكىلەرنى كۈلدۈرگەن، كىرىستىيانو رونالدومۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ كىچىك دوستنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان.

    ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ كىچىك دوستلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇلار جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى. ئۇلارغا ياخشى مەكتەپ ۋە پۇتبول مەيدانى تەمىنلەش كېرەك، مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە جۇڭگودىن ماڭا ئوخشاش، ھەتتا مەندىنمۇ قالتىس توپچىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئىنتايىن تەس (بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ كۈلۈۋېتىدۇ).»


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard