كىچىك ۋاقتىدا ساۋاقداشلىرى بوزەك قىلغان چولپانلار

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 20:57ئاۋاتلىقى : 2482 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى

    ھەممىگە مەلۇملۇق، مەكتەپتە ئوقۇپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ، ھەممەيلەن دېگۈدەك يا ساۋاقدىشىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ باققان ياكى ساۋاقدىشىنى بوزەك قىلىپ باققان. چولپانلارمۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. مەكتەپ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك جەمئىيەتتە نۇرغۇن چولپانلار ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بوزەك قىلىنغانلىق كەچۈرمىشىنى سۆزلىگەن، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچىنى يېڭىپ، ھاياتقا دادىل يۈزلىنىشىنى، پارلاق كەلگۈسىنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلغان، تۆۋەندە بىز ئاشۇ بوزەك قىلىنغا چولپانلارنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

    ليۇ تاۋ ئۆزىنىڭ بالىلىقىنى سۆزلىگەندە قاتتىق كۈلۈپ كېتىدۇ. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا ئۇنىڭ پارتىدىشى ئۇنى ھەمىشە بوزەك قىلىدىغان بولۇپ، پارتىسىغا ئايرىش سىزىقى سىزىپ، سەللا ئۆتۈپ كېتىپ قالسا ئۇنى ئۇرۇۋالىدىكەن. ئۇنى ھەمىشە بوزەك قىلىدىغان ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلىنىپ كېتىپ قالسا، مەستانىلەر ئۇنى تازا بىر ئەدەبلەپ قويماقچى بولغان.

    سەي يىلىن كىچىك ۋاقتىدا كۆينەك كىيىپ مەكتەپكە بارغاندا مەلۇم ئوغۇل ساۋاقدىشى كۆينىكىنى قەستەن قايرىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ كۆينەك كىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، تاكى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاندىن كىيىنىشىنى باشقىدىن ئۆزگەرتكەن.

    سۇن خوڭلېي خاربىندا تۇغۇلغان، ئائىلىسى ناھايىتى نامرات بولۇپ، بىر ئائىلە 6 جان 28 كۋادىرات مېتىرلىق رۇسچە ئۇسلۇبتىكى كىچىككىنە ئۆيدە ياشىغان. بەزىدە قوشنىسىدىن ئون يۈەن ئارىيەت ئېلىپ كىرىپ، قىيىن كۈنلەردىن ئۆتىۋالغان ۋاقىتلىرىمۇ بولغان. مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ئۇنى ھەمىشە ساۋاقداشلىرى قاتتىق بوزەك قىلغان. غورۇرى كۈچلۈك بولغاچقا ئۇ كۈنبويى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپلا يۈرگەن. شۇڭا مۇئەللىمىنىڭ جازالىشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ تىل-تايىقى ئۇنىڭ كۈندىلىك ئىشىغا ئايلانغان.

    دىلرابا كىچىك ۋاقتىنى ئەسلەپ، ئانىسىنىڭ ئۇنى ئوغۇل بالىدەك كۆرۈپ چوڭ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ، ئۇنىڭ گېپى ئاز ھەم بەك سەزگۈر ئىكەن، ھەمىشە ئۆزىنى كاللىسىدا مەسىلە باردەك ھېس قىلىدىكەن، ھەمىشە ساۋاقداشلىرى بوزەك قىلىدىكەن، ھەتتا ساۋاقداشلىرى ئىلگىرى ئۇنى ئېرىققا ئىتتىرىۋەتكەن، ئۇ يا قارشىلىق قىلالمىغان، يا ئۆيىدىكىلىرىگە دېيەلمىگەن، خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن ئوچۇق-يورۇق ھەم شوخلىشىپ كەتكەن.

    زو شىمىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بوكىس شاھىغا ئايلىنالىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. 14 ياش ۋاقتىدا قىزلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، پېشانىسىدىكى تاتۇقنى قىزلار تاتىلاپ قالدۇرغانىكەن. كېيىن ئاتا-ئانىسى زو شىمىڭنى بىر گۇمپا ئۆگىتىدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرگەن.


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard