زىناقلىق گۈزەل بوللىۋود ئايال چولپانلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 20:59ئاۋاتلىقى : 7666 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    زىناق ھەردائىم كىشىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشىدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كۈلۈمسىرىگەندىكى چىرايلىق زىنىقى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. زىناقلىق كىشىلەرگە ھەۋەس قىلىدىغانلار ئاز بولمىسا كېرەك، تۆۋەندە بىز زىناقلىق بوللىۋود چولپانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

    بىپاشا باسۇ

    ھېچكىم بىپاشا باسۇنىڭ بوللىۋودتىكى ئەڭ جەلپكار ئايال چولپانلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۇ بېنگاللىق گۈزەلنىڭ زىنىقى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلغان.

    گۈل پاناگ

    گەرچە گۈل بوللىۋودتا زور مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان بولسىمۇ لېكىن سىياسىي ساھە ۋە باشقا ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يول ئاچالىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەكلىك سۆز ئىبارىلىرى شۇنداقلا زىناقلىق كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن داڭلىق.

    دېپىكا پادۇكون

    دېپىكا پادۇكوننى ئېكراندا كۆرگەندە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىدىن، چىرايلىق زىناقلىرىدىن كۆز ئۈزۈلمەي قالىسىز.

    كاترىنا كەيف

    بىز كاترىنانىڭ گىرىمسىز ۋە نۇقسانسىز جامالىدىن ئۇنىڭ گۈزەللىك سىرىنى بايقاشقا ئۇرىنىمىز. ئۇنىڭ نۇقسانسىز بەش ئەزاسى ۋە تاتلىق زىنىقى ئۇنى شۇنچە جەلپكار كۆرسەتكەن.

    پراچى دېساي

    پراچى دېساي ئېكتا كاپورنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن ئېكرانغا قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كەينىگە قاراپ باقمىدى. پراچى مۇكەممەل مودا ئېڭى بىلەن پەيدا بولغاندا بىز يەنە ئۇنىڭ نازاكەتلىك كۈلۈمسىرىشىگە دىققەت قىلىمىز.

    پرىتى زىنتا

    «زىناق خانىشى» پرىتى زىنتا، پرىتى بىز كۆپىنچىمىز كۆرۈپ باققان زىنىقى ئەڭ گەۋدىلىك كىشى، ئۇنىڭ زىنقى شۇنچە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكى، پرىتى زىنتا زىناققا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولغان. زىناق پرىتىنى شۇنچە ئوماق، شۇنچە بىغۇبار كۆرسەتكەن.

    شۇشما رەددىي

    شۇشما رەددىينىڭ بوللىۋود كەسپى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس، لېكىن ئۇ ئوبرازى بىلەن يەنى بۈدۈر چېچى، تەنناز فىگۇرىسى ۋە زىنىقى بىلەن داڭلىق بولغان.

    ئالىيە بات

    ئۇ چىرايلىق، ئۇ ياش، ئۇ تالانتلىق ۋە ئۇنىڭ زىناقلىق كۈلۈمسىرىشى بار.

    سۇشمىتا سېن

    ھىندىستاننىڭ تۇنجى «يەرشارى خانقىزى» ئاياللارغا نىسبەتەن بىر ئىلھام مەنبەسى، ئۇنىڭ مۇستەقلىق، كۈچلۈك ئاياللىق خاراكتېرى، مۇكەممەل ئانىلىقى، قۇسۇرسىز مودا ئېڭىدىن باشقا چىرايلىق زىنىقمۇ كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ.

    مادھۇرى دىشىت

    مادھۇرى ئەينى يىللاردا گۈزەللىكى، يۇقىرى ئورۇنلاش ماھارىتى، نەپىس ئۇسسۇل قەدىمى، پارقىراق كۆزلىرى ۋە زىناقلىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن تالايلىغان كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغان.


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard