«جىگەرلىك ئەزىمەت» جەيسىن سىتاسام ۋە ئۇنىڭ كىنولىرى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 21:01ئاۋاتلىقى : 3084 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

    جەيسىن سىتاسام 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە لوندوندا تۇغۇلغان، ئەنگلىيە كىنو-تېلېۋىزىيە ئەر ئارتىسى، ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر كېلىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە، جەيسىن سىتاسامنىڭ تۇنجى كىنوسىلا كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلانغان. 1998-يىلى ئەنگلىيەلىك رېژىسسور گاي رىچ ئۇنى «两杆大烟枪» ناملىق كىنوسىغا باش رول قىلىپ تەيىنلىگەن.

    2000-يىلى، جەيسىن سىتاسام يەنە بىر قېتىم رېژىسسور گاي رىچ بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئوغرىلىقچە ئالداش» (偷拐抢骗) ناملىق كىنودا رول ئالدى. ئەينى ۋاقىتتا بىراد پىت بىلەن ھەمكارلىشالىغان ئۇ شۇنچىلىك بەخت ھېس قىلغانىدى.

    2001-يىلى جەيسىن سىتاسام تۇنجى قېتىم لى ليەنجيې بىلەن ھەمكارلىشىپ، خۇاڭ يىيۈ رېژىسسورلۇق قىلغان ھەرىكەتلىك، فانتازىيەلىك كىنو «ئالەملىك تۇتۇش بۇيرۇقى» (宇宙追缉令) ناملىق كىنودا رول ئالدى. ئەينى ۋاقىتلاردا لى ليەنجيېنىڭ ئورنى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى.

    2002-يىلى، لۇك بېسسون ئۇنىڭ ئۈچۈن «تەۋەككۈلچى يەتكۈزگۈچى» (玩命快递) يۈرۈشلۈكلىرىنى ھازىرلىدى. بۇ يۈرۈشلۈك كىنونىڭ ھەممىسىدە جەيسىن سىتاسام باش رول ئالغان بولۇپ، بىراق تۆتىنچى بۆلۈمىگە كەلگەندە باش پېرسوناژ ئالماشتۇرۇۋېتىلدى.

    2004-يىلى جەيسىن سىتاسام تونىي جىگليو رېژىسسورلۇق قىلغان «قالايمىقان ئۇرۇش» (乱战) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. بۇنىڭدا بەش بۇلاڭچىنىڭ بانكىغا كىرىپ، 40 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ، ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە سۇيقەستلىك جەڭنى قانات يايدۇرىدىغان ھېكايە سۆزلىنىدۇ.

    2005-يىلى، جەيسىن سىتاسام «رېۋولۋېر» (转轮手枪) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. بۇ كىنونى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش كىنوسى دېيىشكە بولىدۇ. ئاخىرىنى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلەلمەيسىز.

    2006-يىلى، جەيسىن سىتاسام «غەزەپلەنگەن يۈرەك» (怒火攻心) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. بۇ كىنونى كۆرسىڭىز، يۈرىكىڭىز قېپىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. بىراق ئىككىنچى بۆلۈمى بىرىنچى بۆلۈمىگە قارىغاندا، سەل ناچارراق چىقىپ قالغان.

    2007-يىلى، لى ليەنجيې بىلەن جەيسىن سىتاسام يەنە بىر قېتىم ھەمكارىلىشىپ، فىلىپ G ئاتۋىل رېژىسسورلۇق قىلغان ھەرىكەتلىك ۋەھىمە تۈرىدىكى «جاھانكەزدى پالۋان» (游侠) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى.

    2008-يىلى، جەيسىن سىتاسام پائۇل ئاندىرسون رېژىسسورلۇق قىلغان «ھالاكەت ئۇچار ئاپتوموبىلى» (死亡飞车) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. بۇ كىنو 1975-يىلىدىكى سىتايلون باش رول ئالغان شۇ ناملىق كىنوغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

    2010-يىلى، جەيسىن سىتاسام سىتايلون ئۆزى يېزىپ، ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان شۇنداقلا باش رول ئالغان ئامېرىكىنىڭ ھەرىكەتلىك كىنوسى «پىداكارلار ئەترىتى» (敢死队) گە قاتناشتى. بۇ كىنو ئۆز نۆۋىتىدە 1980-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بولغان ھەرىكەتلىك كىنولار ئىچىدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىنو ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا زور تۈركۈمدىكى گىگانت چولپانلار يىغىلغان. سىتايلون، شىۋاشىنگېر، بىرۇسى ۋىللىس، لى ليەنجيې ۋە شۇنداقلا رودلولفو روگېر قاتارلىق چولپانلار ھېلىھەممۇ تەسىر كۈچىنى يوقاتمىغانلار.

    2011-يىلى، جەيسىن سىتاسام سىمون ۋېست رېژىسسورلۇق قىلغان «مېخانىك» (机械师) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. بۇ كىنو 1972-يىلىدىكى شۇ ناملىق كىنوغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.

    2012-يىلى جەيسىن سىتاسام بىلەن روبېرت دېنىرو قاتارلىقلار بىرلىشىپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىك كىنوسى «قابىل قاتىللار» (杀手精英) دا رول ئالدى. بۇنىڭدا تيۇلېن زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقىنىڭ بىرىنچى ئەترەتتىكى كىشىلەرنى چاقىرىپ قايتىدىن يېڭى گۇرۇپپا قۇرۇپ، سابىق ئۇستازىنى قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىدەك ھېكايە سۆزلىنىدۇ.

    2013-يىلى جەيسىن سىتاسام شۇ ناملىق ھېكايىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «پاكېر» (帕克) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. شۇ يىلى ئۇ يەنە «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 6» ناملىق كىنوغا «تېتىقۇ» سالدى.

    2014-يىلى جەيسىن سىتاسام سىتېۋېن كىنگ رېژىسسورلۇق قىلغان ھەرىكەتلىك، ۋەقەلىك كىنو «ھەرە قۇشنىڭ ئالاھىدە ھۇجۇمى» (蜂鸟特攻) ناملىق كىنودا باش رول ئالدى. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان جەيسىن سىتاسامنىڭ چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەتلىك كىنولىرى بىر ئىزىدا توختاپ قالغاندەك قىلاتتى.

    2015-يىلى ئۇ «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات7» (速度与激情7) ناملىق كىنودا بىرىنچى نومۇرلۇق سەلبىي پېرسوناژنىڭ رولىنى ئالدى.

    2015-يىلى جەيسىن سىتاسام، مېلىشا ماككارسىي، جۇدىي لاۋ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ھەرىكەتلىك كومېدىيەلىك كىنو «ئايال جاسۇس» (女间谍)تا باش رول ئالدى. بۇ كىنوغا پائۇل فېيج رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، جەيسىن سىتاسام ئوبرازىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن «ھاماقەت»نىڭ رولىنى ئالغان. بىراق بۇ كىنو ھەقىقەتەنمۇ قىزىقارلىق.

    2016-يىلى جەيسىن سىتاسام دەنىس گانسېل رېژىسسورلۇق قىلغان ھەرىكەتلىك كىنو «مېخانىك 2: تىرىلىش» (机械师2:复活) تە باش رول ئالدى.

    2017-يىلى جەيسىن سىتاسام «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8» گە قاتناشتى.

    2018-يىلى جەيسىن سىتاسام جۇڭگو يىڭلى كىنو-تېلېۋىزىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، ئامېرىكا ۋارنېل بۇرادەرلىرى كىنو-فىلىم شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن ھەرىكەتلىك فانتازىيەلىك كىنو «چوڭ لەھەڭ» (巨齿鲨) دە باش رول ئالدى. بۇنىڭغا جون تۇرتېلتائۇب رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، لى بىڭبىڭ قاتارلىقلار باش رول ئالغان. ئۇنداقتا، بۇ كىنو ياخشى كىنو بولارمۇ ياكى «ناچار كىنو» بولۇپ، جەيسىن سىتاسامنىڭ ئوبرازىنى بىراقلا يوق قىلىۋېتەرمۇ؟


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard