ئارتىسلارغا نېمە ئۈچۈن فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 21:02ئاۋاتلىقى : 3781 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

    ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، ئەينى يىللىرى چېن يۈفەن بىلەن بەي بەيخې «ياشلىق بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» (与青春有关的日子) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەش داۋامىدا تونۇشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چېن يۈفەننىڭ تاماشا چەمبىرىكىدە ئازدۇر-كۆپتۇر داڭقى بار ئىدى، بىراق بەي بەيخې بولسا، ھېچقانداق نامى چىقمىغان ئادەتتىكىلا بىر قىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا توي قىلدى.

    بەي بەيخې بىلەن چېن يۈفەنگە ئوخشاش، فىلىم ئىشلەش داۋامىدا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدىغان چولپانلار خېلى بار.

    مەسىلەن، ليۇ شىشى بىلەن مىڭ داۋ ئىشلىگەن «پەرىشتىنىڭ بەختى»دە ئىككەيلەن كىنو ئىشلەش داۋامىدا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان. بىراق بۇ ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسىسى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، بىرى مەركىزىنى تەيۋەنگە، يەنە بىرى چوڭ قۇرۇقلۇققا قارىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئايرىلىپ كەتكەن.

    ليۇ شىشى بىلەن ۋۇ چىلوڭ ئىشلىگەن «قەدەممۇ-قەدەم يۈرەكنى تىتىرىتىش»تە دەل بىر-بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قېلىپ، بۇ ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ۋۇ چىلوڭ داۋاملىق ليۇ شىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ دېگەندەك، ئىككىنچى بۆلۈم «قەدەممۇ-قەدەم مۇھەببەتكە يېقىنلىشىش» بىلەن توي قىلغان.

    سۇن لى بىلەن خو جيەنخۇاغا «ئۆگزىدىكى يېشىل ياقۇت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغان، بىراق خو جيەنخۇا ئىچ مىجەز بولغاچقا، سۇن لى بىلەنمۇ ئالاقىلاشماستىن، بارا-بارا يىراقلىشىپ كەتكەن.

    سۇن لى بىلەن دېڭ چاۋ «بەخت گۈلگە ئوخشايدۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا بىر-بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئىككەيلەن «شېرىن مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ھەمكارلشىىپ، ئاخىرى مۇھەببىتىنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەن.

    تاڭ يەن بىلەن چيۇ زې «شيا ئائىلىسىنىڭ ئۈچ قىزى»نى ئىشلەش داۋامىدا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ شۇنىڭ بىلەن «ئويغانغان سۆيگۈ» بولغان. ئەڭ ئاخىرىدا چيۇ زې ھەربىر فىلىمدە بەكلا بېرىلىپ كەتكەچكە، نەتىجىسى ئۇنىڭ يولدىن چىقىشى بىلەن ئاياغلاشقان.

    تاڭ يەن بىلەن لو جىن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»، «كاراتلىق مۇھەببەت»، «X ئايال ئالاھىدە خادىمى»، «ئىستېداتلىق ئايال ۋېيياڭ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق تاڭ يەننىڭ لو جىننى ياقتۇرۇپ قېلىشىدىن باشلاپ، ھەربىر قېتىمدا لو جىن بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغۇچە، يەنە شۇنداق لو جىن شىركىتىنىڭ ئۆسەك-سۆزلەرنى ئاياغلاشتۇرۇپ، لو جىننىڭ ئۆزىنىڭ ئاشكارىلىشىغۇچە بولغان جەريانلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىمۇ ئاخىرى ئاشكارىلانغان.

    فىلىم ئىشلەش داۋامىدا ئىسسق ئۆتۈشۈپ قالغانلاردىن يەنە جاڭ يۈنيى بىلەن ۋاڭ جىفېي، جاڭ يۈنيى بىلەن ياڭ شۇپېڭ، جاڭ يۈنيى بىلەن يۈەن خوڭ، توڭ لىيا بىلەن چېن سىچېڭ، ليۇ كەيۋېي بىلەن ياڭ مى، گاۋ يۈەنيۈەن بىلەن جاۋ يوۋتىڭ، دوڭ جيې بىلەن پەن يۆمىڭ، جياڭ چىنچىن بىلەن چېن جيەنبىن، ما يىلى بىلەن ۋېن جاڭ، جېڭ شۇاڭ بىلەن جاڭ خەن قاتارلىقلارمۇ بار.

    ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ چولپانلارغا فىلىم ئىشلەش داۋامىدا بىر-بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدۇ؟ بۈگۈن سىلەرگە چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىپ بەرمەكچى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك تۆت نۇقتا بار:

    بىرىنچى، يېقىنلىشىش ئېففېكتى

    ئاددىيىراق قىلىپ ئېيتقاندا، چولپانلارنىڭ خىزمىتى ئىزچىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جەنۇب شىماللىرىدىن شەرق غەربلىرىگىچە ئۇچۇپ يۈرۈپ، ھەتتا مۇقىم ئۇخلايدىغان جايىمۇ يوق بىر ئىشتۇر. ئىككەيلەن كىنو ئىشلىسە، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئاي، يېرىم يىل ھەتتا بىرەر يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تەبئىيلا ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالىدىغان گەپ.

    ئىككىنچى، بەدەن دائىم دېگۈدەك ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ.

    ھازىرقى تېلېۋىزىيە تىياتىرىلىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ، ھەمىشە ئەر، ئايال باش پېرسوناژلارنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. بەزىلىرىدە ھەتتا كىچىك بالىلار كۆرسە بولمايدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بار. شۇنداق بولغانىكەن، ھورمون ئېشىپ تۇرىدىغان ئەھۋالدا ئەر ۋە ئايال قانداقمۇ ھوشىنى تاپالىسۇن؟ شۇنىڭ بىلەنلا ئۇلارمۇ بۇنى مۇھەببەت دەپ قالىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، گۈزەل بولغان ئوبراز يارىتىش.

    فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ياخشى ئوبراز يارىتىپ، قارشى تەرەپكە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئەر، ئايال باش پېرسوناژلار ھەمىشە ئەڭ ياخشى تەرىپىنى قارشى تەرەپكە كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەبئىيلا بىر-بىرىدە ياخشى تەسىر قالدۇرىدۇ.

    تۆتىنچىدىن، رول سەۋەبلىك قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش.

    فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، ئەر، ئايال باش پېرسوناژلار رولنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ رولغا بېرىلىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئۇنى دەل مۇشۇنداق دەپ قاراپ، ئۆزىنى تارتىپ چىقىرالمىغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

    ئۇنداقتا، فىلىمگە چوڭقۇرلاپ كىردىغانلارمۇ ياكى مۇنداقلا رول ئالىدىغانلارمۇ بار، ئۇنداقتا، سىلەرچە قايسى ئارتىسلار فىلىم ئىشلەپ تۇرسىمۇ بىر-بىرىگە ئىسسىق ئۆتۈشۈپ قالمايدۇ؟


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard