نېمە ئۈچۈن چېڭلوڭنى «ئاكا» جوۋ شىڭچىنى «بېگىم» دەيدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2018-10-27 21:03ئاۋاتلىقى : 8816 تۈرى : ئۇيغۇرچە

    بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

    چېڭلوڭ 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان؛ جوۋ شىڭچى بولسا، 1962-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى شياڭگاڭدا تۇغۇلغان. ياش جەھەتتە چېڭلوڭ جوۋ شىڭچىدىن چوڭ، بىراق نېمە ئۈچۈن كۆرۈرمەنلەر چېڭلوڭنى «ئاكا»، جوۋ شىڭچىنى «بېگىم» دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن؟

    مېنىڭچە، بۇ گەپنىڭ مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق، جوۋ شىڭچىنى «شىڭ ئاكا» (星哥)، دېگەندىن «شىڭ بېگىم» (星爷) دېسە سەل چاقىرىشقىمۇ قولايلىق، چېڭلوڭنى «لوڭ بېگىم» (龙爷) دېگەندىن، «لوڭ ئاكا» (龙哥) دېسەك تېخىمۇ يېقىنراق بولىدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن، «لوڭ بېگىم» دېسە قارا جەمئىيەتتىكى زو چىڭلوڭ، يوۋ بەيخۇ قاتارلىقلار بىلەن ئارىلىشىپ، چېڭلوڭنىڭمۇ خاراكتېرىگە ماس كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، چېڭلوڭ جوۋ شىڭچىغا قارىغاندا سەل كېچىكىپرەك نام چىقارغان، جوۋ شىڭچى بۇ ساھەگە قەدەم قويۇپلا، تېز سۈرئەتتە كۆپچىلىككە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلغان. چېڭلوڭ بولسا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ كۈرەش قىلىپ، خېلى بىر ۋاقىتلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. شۇنداقلا ئەڭ دەسلەپتىمۇ كۆرۈرمەنلەرگە ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغاندەك تەسىر بەرگەن.

    ئۈچىنچىدىن، چېڭلوڭنىڭ كەلسە-كەلمەس خەۋەرلىرى بىر قەدەر كۆپ، ھەمىشە بۈگۈنىسى پالانچى ئايال ئارتىسىنى قۇچاقلىسا، ئەتىسى يەنە بىر ئايال ئارتىسنى سۆيىدۇ. يەنە تېخى يولدىن چىقىش دەمدۇ، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ كۆرۈرمەنلەرگە بىر قەدەر «سۇيۇق»تەك تەسىر بەرگەچكە، «ئاكا» دەپ چاقىرىش ئۇنىڭغا بىر قەدەر ماسلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىراق جوۋ شىڭچىنىڭ بولسا، قىزلارغا «قاش ئاتتى» دېگۈدەك، ئېغىزغا چىققۇدەك خەۋەرلىرى يوق، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كىشىلەرگە بىر قەدەر كەسكىن ۋە سالماق تەسىر بېرىدۇ، شۇڭا، تەبئىيلا شەكىللەنگەن «شىڭ بېگىم» دېگەن بۇ نام ئۇنىڭغا ماس كېلىدۇ.

    تۆتىنچىدىن، چېڭلوڭنىڭ سۈرەتكە ئالغان فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك كومېدىيەلىك مۇشتلىشىش فىلىملىرى، تۈرىمۇ بىر قەدەر ئاددىي. بىراق جوۋ شىڭچىنىڭ بولسا رومانتىك مۇھەببەت، جامبازلىق، فانتازىيە، كومېدىيە قاتارلىق ھەممىلا ساھەگە چېتىلىدۇ، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، ھەرقانداق بىر ئۇسلۇبنى ئۇستىلىق بىلەن كونترول قىلالايدۇ. يەنە كېلىپ، كىنو-فىلىم ئىشلەشكە پۈتۈن زېھىنىنى سەرپ قىلغاچقا، تاماشا چەمبىرىكىدە كىشىلەرگە كۈچلۈك تۇيغۇ بېرىدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىكمۇ ئۇنى «شىڭ بېگىم» دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن.

    چېڭلوڭ بولسا ھەم ئارتىس بولۇپ ھەم چېڭ جەمەتىنى باشقۇرۇپ، يەنە تېخى ئۇنىۋېرسال پىروگىراممىلارغا قاتنىشىپ، ھەتتا كارتون فىلىملەردىمۇ رول ئېلىپ باقتى. شۇڭا كىشىگە ئاۋام تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يېقىندەك تۇيغۇ بەرگەچكە، «لوڭ ئاكا» دەپ چاقىرسا كىشىگە يېقىملىق تۇيۇلىدۇ.

    بەشىنچىدىن، مېنىڭچە بۇمۇ ئەڭ ھالقىلىق بىر نۇقتا، ئۇ بولسىمۇ، جوۋ شىڭچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نام چىقارغان ۋاقتى تېخىمۇ بالدۇر. جوۋ شىڭچى «غەربكە ساياھەت پاراڭلىرى»دا رول ئېلىپ، سانسىز كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى كىلاسسىك رولغا ئايلانغان. «ئىلگىرى بىر ھەقىقىي مۇھەببەت ئالدىمدا تۇرسا، مەن قەدىرلىنمەي، ئايرىلغان چېغىمدا چەكسىز پۇشايمان قىلدىم. دۇنيادىكى ئەڭ ئازابلىق ئىش مۇشۇ بولسا كېرەك. ئەگەر تەڭرى ماڭا يەنە بىر قايتا باشلاش پۇرسىتى بەرگەن بولسىدى، مەن ئاشۇ قىزغا: سىزنى سۆيىمەن دەيتتىم، ئەگەر بۇ مۇھەببەتكە چوقۇم مۆھلەت بېرىلىدۇ، دېيىلسە، ئۇنداقتا، ئون مىڭ يىل بولسىكەن دەيتتىم...».

    ئۇنىڭ «كۆڭۈمدىكى ئادىمىم قەھرىمان، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ رەڭدار بۇلۇتقا ئولتۇرۇپ مېنى ئالغىلى كېلىدۇ، باشلىنىشىنى پەرەز قىلغانىدىم، بىراق خاتىمىسى ئويلغىنىمدەك بولمىدى» دېگەندەك بۇ كىلاسسىك سەھنە سۆزلىرىمۇ ئىزچىل تارقىلىپ كەلدى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى جى زۇن بىلەن زى شيانىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك مۇھەببەت ھېكايسى قانچىلىغان كىشىلەرگە تەسىر قىلغان؟

    ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە «تاڭ بوخۇ بىلەن دىيەن چيۇشياڭ»، «قىمار ئىلاھى» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى شۇ دەۋردىكى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغاچقا، كۆپچىلىكمۇ جوۋ شىڭچىنى «شىڭ بېگىم» دېيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.

    چېڭلوڭنىڭمۇ قالتىس ئەسەرلىرى نۇرغۇن، بىراق تۈرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش، ئىنتايىن ۋەكىل خاراكتېرلىك دەيدىغان بىرەر ئەسەرنى تاللاپ چىققىلى بولمايدۇ. بىر قەدەر كىلاسسىك بولغانلىرىدىن ئالدىنقى مەزگىللەردىكى «ساقچى ھېكايىسى» يۈرۈشلۈكلىرى كۆرۈرمەنلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

    ئىشقىلىپ، بۇ ئىككى ئارتىسنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئىنتايىن قالتىس. مەيلى «لوڭ ئاكا» دېسۇن ياكى «شىڭ بېگىم» دېسۇن ھەر ئىككىلىسىلا ئۇلارغا بولغان ئېتىراپ قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى كۆپچىلىككە ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ.


مۇناسىۋاتلىك خەۋەرلەر
ئەڭ يىڭى يوللانغانلىرى
×
Uznar.Com
Uznar.Com
Powered by PHPvod 2.6 Standard